تەكشىلىكتە لايىھەلىگۈچى قۇبۇل قىلىمىز
 

 

ئۇلىنىش (com) تۇرى (http://www.ulinix.com) تورغا چىقدىغانلا تۇرداشلار بىلدىغان تۇر بىكەتلەرنىڭ بىرى.بىكتىمىزنىڭ 2002-يىلىدىن 2010-يىلغىچە كەڭ تورداشلارنىڭ،بىكەت باشلىقلىرىنىڭ،ھەرساھەدىكى شېركەتلەرنىڭ قوللىشى ۋە ئالقىشىغا ئېرشىپ 8 يىللىق شانلىق مۇساپىنى بىسىپ ئۆتتى.
كەسكىن رىقابەت ، دوستانە ئىلگىرلەش ، ئۇچقاندەك تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئۇلىنىش (com) تۇرى (http://www.ulinix.com) يەنىلا سىزنىڭ ۋە ئەتراپىڭىزدىكى ھەربىر تور ئابونتىىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ . ئۇلىنىش (com) تۇرى يېڭىلىققا ، يۇقىرى تېخنىكىغا ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىيات ۋە يۈكسىلىشقا مۇھتاج.

ئېلان مۇلازىمىتىنى كىڭەيتىش يۈزسىدىن،بىر نەپەر لايىھەلىگۈچى قۇبۇل قىلىدۇ.قىلىدىغان ئىشى ئاساسلىق تورغا چىقىرىلىدىغان ئېلانلارنى ئىشلەيدۇ.
قۇيۇلىدىغان تەلەپلەر :
1. تەكشىلىكتە لايىھىلەش دىتاللىرىدىن PHotoshop ، corel draw، Illustrator،Flash قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ ئۆزگىچە جەلىپكار ئېلانلارنى ئىشلەپ چىقالايدىغان بۇلىشى كېرەك.
2. تەسەۋۋۇرغا باي ،يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئېلان لايھەلەشتە ئالاھىدە سەزگۈسى بولغان بولىشى (رەسىم سىزالايدىغان ، ھۆسىنخەت يازلايدىغانلار ۋە خىزمەت تەجىربىسى بارلار ئالدىن قۇبۇل قىلىندۇ)
3. ئەخلاقلىق، تىرىشچان، يىڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە ،موھىمى لاھىيەلەش كەسپىنى چۈشىندىغان ۋە كەسىپنى قىزغىن سۆيىدىغان بولىشى كىرەك.
مائاش : 1200 يۈەندىن باشلىنىدۇ . خىزمەت ۋاختى 8 سائەت . ھەپتىدە بىر كۈن دەم ئالىدۇ.
ئۇلىنىش (com) تورى ھەم سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىدارىڭىزنى نامايەن قىلىدىغان سەھنە.ئۆزىڭىزنىڭ لايىھە ئەسەرلىرىڭىزنى تېخىمۇ كۆپ ئادەملەرگە يۈزلەندۈرۈشىڭىزنى ئارزۇ قىلسىڭىز سىپىمىزگە قىتلىڭ. ئۇلىنىش (com) تۇرى سىزگە ئازادە سورۇن.كەڭ مەيدان ھازىرلاپ بېرىدۇ.