شىنجاڭ ئىچىدىكى ساياھەت لېنىيىلىرى

بۇغدا كۆلىگە بىر كۈنلۈك ساياھەت

نەنسەن يايلىقىغا بىر كۈنلۈك ساياھەت

تۇرپانغا بىر كۈنلۈك ساياھەت قاناس كۆلىگە تۆت كۈنلۈك

ساياھەت غۇلجىغا 4 كۈنلۈك ساياھەت

ئالتۇن قۇم ساھىلى (باغراش كۆلى)گە 2، 3 كۈنلۈك ساياھەت

قەشقەرگە ئىككى كۈنلۈك ئۆرپ – ئادەت ساياھىتى

دۇنخۇاڭغا پويىز بىلەن 3 ، 4 كۈنلۈك ساياھەت

 

ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ساياھەت لېنىيىلىرى
گۇاڭجۇ ، شېنجېن ، جۇخەي ، خەيكۇ ، شىڭلۇڭ ، سەنياغا 10 كۈنلۈك ساياھەت
نەنجىڭ ، سۇجۇ ، شاڭخەي ، تىيەنجىن ، بېيجىڭغا 11 كۈنلۈك ساياھەت
شاڭخەي ، نەنجىڭ ، سۇجۇ ، خەيكۇ ، شىڭلۇڭ ، سەنيا ، گۇاڭجۇ ، شېنجېن ، جۇخەيگە 12 كۈنلۈك ساياھەت
شەرقتىكى 5 شەھەر ۋە دۇنيا سودا يەرمەنكىسى ساياھەت لېنىيىسى

نەنجىڭ ، ۋۇشى ، سۇجۇ ، خاڭجۇ ، شاڭخەي ۋە شاڭخەي دۇنيا سودا يەرمەنكىسىگە بېرىپ-كېلىش ئايروپىلان بىلەن 7 كۈنلۈك ساياھەت
نەنجىڭ ، ۋۇشى، سۇجۇ ، خاڭجۇ ، شاڭخەي ۋە شاڭخەي دۇنيا سودا يەرمەنكىسىگە بېرىش ئايروپىلان  بىلەن كېلىش پويىز بىلەن 8 كۈنلۈك ساياھەت
نەنجىڭ ، ۋۇشى ، سۇجۇ ، خاڭجۇ ، شاڭخەي ۋە شاڭخەي دۇنيا سودا يەرمەنكىسىگە بېرىپ-كېلىش پويىز بىلەن 9 كۈنلۈك ساياھەت

بېيجىڭ، دالىيەن، چىڭداۋ ۋە شەرقتىكى 5 شەھەر ساياھەت لېنىيىسى

بېيجىڭ ، نەنجىڭ ، ۋۇشى، سۇجۇ ، خاڭجۇ ، شاڭخەي ۋە شاڭخەي دۇنيا سودا يەرمەنكىسىگە بېرىش ئايروپىلان كېلىش پويىز بىلەن 11 كۈنلۈك ساياھەت
بېيجىڭ ، دالىيەن ، چىڭداۋ ، نەنجىڭ ، ۋۇشى، سۇجۇ ، خاڭجۇ ، شاڭخەي ۋە شاڭخەي دۇنيا سودا يەرمەنكىسىگە بېرىش ئايروپىلان كېلىش پويىز بىلەن 15 كۈنلۈك ساياھەت
بېيجىڭ ، دالىيەن ، يەنتەي ، پېڭلەي ، ۋېيخەي ، چىڭداۋ ، جىنەنگە بېرىش ئايروپىلان كېلىش پويىز بىلەن 11 كۈنلۈك ساياھەت

گۈيلىن ، بېيجىڭ ، خەينەن ساياھەت لېنىيىسى

رومانتىك خەينەن ئارىلىغا بېرىپ – كېلىش ئايروپىلان بىلەن 6 كۈنلۈك ساياھەت
خەيكۇ ، شىڭلۇڭ ، سەنيا ، گۈيلىن ، بېيجىڭ ، خەينەنگە بېرىپ ـ كېلىش ئايروپىلان بىلەن 9 ۋە 10 كۈنلۈك ساياھەت

گۇاڭجۇ ، شېنجېن ، جۇخەي ۋە شىياڭگاڭ ، ئاۋمېن ساياھەت لېنىيىسى

گۇاڭجۇ ، شېنجېن ، جۇخەي ۋە شىياڭگاڭ ، ئاۋمېن ( دېڭىز باغچىسى + دېسنىي باغچىسى) غا 9 كۈنلۈك ساياھەت

كۇنمىڭ ساياھەت لېنىيىسى

كۇنمىڭ ، دالى ، لىجىياڭ ، شىلىنغا بېرىش ئايروپىلان كېلىش پويىز بىلەن 6 كۈنلۈك ساياھەت

ساياھەتچىلەر بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار

ساياھەتچىلەر تاپشۇرغان ساياھەت خىراجىتى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ھەقلەر

  1. قاتناش ھەققى : پۈتۈن لېنىيىدىكى ئايروپىلان ياكى پويىز بېلىتى، ھەرقايسى شەھەرلەردىكى ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك ساياھەت ماشىنىسىنىڭ ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پۈتۈن كۈنلۈك ئىختىيارىي پائاليەت جەريانىدا ساياھەت ماشىنىسى بىلەن تەمىنلەنمەيدۇ .
  2. مېھمانخانا ھەققى : پۈتۈن لېنىيەدىكى مېھمانخانا ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پۈتۈن لېنىيەدە ئادەتتە 3 يۇلتۇزلۇق مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ساياھەت ئۆمىكىگە بىردەك بىر كىشىلىك ياتاق بېرىلمەيدۇ ، ئەگەر ئۆمەكتە تاق ئەر ياكى تاق ئايال بولۇپ قالسا ، ئۈچ كىشىلىك ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ ياكى قوش كىشىلىك ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ ، يەنە بىر كارىۋاتنىڭ پۇلىنى ئۆزى تۆلەيدۇ .
  3. تاماق ھەققى : چۈشلۈك ۋە كەچلىك تاماق ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تاماق ئادەتتە مۇسۇلمانچە 8 خىل سەي ، بىر شورپا بولۇپ ، 10 ئادەم بىر ئۈستەلگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ ، (ھاراق ، ئىچىملىك بىلەن تەمىنلەنمەيدۇ) . تاماق ئادەتتە ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى بار شەھەرلەردە ئىمكانقەدەر ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ ، ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى يوق شەھەرلەردە خۇيزۇلارنىڭ ئاشخانىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ .
  4. ساياھەت يېتەكچىسى مۇلازىمىتى ھەققى : پۈتۈن لېنىيىدىكى ساياھەت يېتەكچىسى مۇلازىمەت ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . پۈتۈن لېنىيىدە ئۇيغۇر ساياھەت يېتەكچىسى ئەلا مۇلازىمەت قىلىدۇ .
  5. كىرىش بېلىتى ھەققى : پۈتۈن لېنىيىدىكى ساياھەتچىلەر تاپشۇرغان ساياھەت خىراجىتى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بارلىق ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ كىرىش بېلىتى ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
  6. سۇغۇرتا ھەققى : ساياھەت كوپىراتىپى مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسى ، ساياھەت جەريانىدىكى كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەر سۇغۇرتىسى ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
ساياھەتچىلەر تاپشۇرغان ساياھەت خىراجىتى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان ھەقلەر
  1. ئىختىيارىي پائالىيەت ۋاقتىدىكى تاماق ھەققى ، ساياھەت ئورۇنلىرىغا كىرىش بېلىتى ھەققى ، ساياھەت يېتەكچىسى مۇلازىمىتى (ئادەتتە پۈتۈن بىر كۈنلۈك ئىختىيارى پائالىيەت ۋاقتىدا يەرلىك ساياھەت يېتەكچىلىرى ۋە ساياھەت ماشىنىسى مۇلازىمەت قىلمايدۇ ) .
  2. ئۆزى ئىستىمال قىلغان تۈرلەرنىڭ ھەققى ، ئۆزى چىقىم قىلىپ سەيلە قىلىدىغان تۈرلەرنىڭ ھەققى ، شۇ يەرلىك ساياھەت يېتەكچىسى تەۋسىيە قىلغان تۈرلەرنىڭ ھەققى ، ساياھەت رايونلىرى ئىچىدىكى ماشىنىغا ئولتۇرۇش ھەققى ، ساياھەت رايونلىرى ئىچىدىكى كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى ۋە باشقا كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى ھەققى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ .
شىياڭگاڭ ۋە ئاۋمېنغا بارىدىغان ساياھەتچىلەر بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار

1. ساياھەتچىلەر شىياڭگاڭ ۋە ئاۋمېنغا بېرىپ ساياھەت قىلىش ئۈچۈن چوقۇم شىياڭگاڭ ۋە ئاۋمېنغا بارىدىغان يول خېتى بېجىرىشى كېرەك .

2. شىياڭگاڭ ۋە ئاۋمېنغا بارىدىغان يول خېتى بېجىرىش ئۇسۇللىرى :

1) ساياھەتچىلەر نوپۇسى دائىمىي تۇرۇشلۇق ناھىيە ، شەھەر ( رايون ، ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر ، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ) لەردىكى ج خ ئىدارىلىرىنىڭ چېگرىدىن كىرىش- چىقىشنى باشقۇرۇش ئىشخانىلىرىغا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك .

2) تەپسىلاتىنى نوپۇسىڭىز دائىمىي تۇرۇشلۇق ناھىيە ، شەھەر ( رايون ، ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر ، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ) لەردىكى ج خ ئىدارىلىرىنىڭ چېگرىدىن كىرىش- چىقىشنى باشقۇرۇش ئىشخانىلىرىدىن سۈرۈشتۈرۈڭ .

ئالاھىدە ئەسكەرتىش

1.ساياھەتچىلەرنىڭ سانى10 ۋە 10 دىن يۇقىرى بولسا ئاندىن مۇستەقىل ئۆمەك تەشكىللەيمىز .ساياھەتكە چىقىش ۋاقتىنى پۈتۈنلەي ساياھەتچىلەرنىڭ ۋاقتىغا ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىمىز . يۇقىرىقى لېنىيىلەردىن باشقا يەنە ساياھەتچىلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ساياھەت لېنىيىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىمىز .

2. ساياھەتچىلەرنىڭ ئەرزى ئادەتتە ساياھەت ئورۇنلىرىدىكى يەرلىك ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ قولىدىكى ساياھەتچىلەر تولدۇرغان پىكىر-تەكلىپ جەدۋىلىگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئەستايىدىل تولدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز . ساياھەتچىلەر ساختا تولدۇرۇش ياكى تولدۇرماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئەرزلەر بىردەك قوبۇل قىلىنمايدۇ .

3. ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر ، ساقلانغىلى بولمايدىغان ھادىسىلەر ياكى سەۋەبلەر ( مەسىلەن ، ھاۋارايى ئاپىتى ، تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق ؛ ئايروپىلان ، پويىز ، پاراخوت كېچىكىش ، مېڭىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ، ئايروپىلاننى تىزگىنلەش قاتارلىق) تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان خىراجەتنى ساياھەتچىلەر ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . ئەگەر قاتناش ھادىسىسى تۈپەيلى ساياھەتچىلەرنىڭ ھاياتى ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىكى زىيانغا ئۇچرىسا ، كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەر سۇغۇرتىسىغا ئاساسەن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قاتناش ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش بەلگىلىمىسى » بويىچە تۆلەپ بېرىلىدۇ .

4. ساياھەتچىلەر ساياھەت ۋاقتىدا ئۆزلىكىدىن ئۆمەكتىن ئايرىلىپ ، ساياھەت نۇقتىلىرىنى ساياھەت قىلمىسا ، تاماق يېمىسە ، ئالاقىدار چىقىمنى يەرلىك ساياھەت كوپىراتىپى قايتۇرمايدۇ . ئەگەر ئالاھىدە كېنىشكىلىرى ( ئوقۇتقۇچىلىق كېنىشكىسى ، ياشانغانلىق كېنىشكىسى ، ھەربىيلىك كېنىشكىسى ، ساياھەت يېتەكچىلىك كېنىشكىسى ) بولغان ساياھەتچىلەرنىڭ كىرىش بېلىتى قايتۇرۇلمايدۇ .

 

ساياھەت قىزىق لېنىيىسى

ئىشخانا 4607190-0991

روشەنگۈل ::::::18040770377

پەرىزات ::::::13899904334

لىيۇ مىڭ ::::::13369629128

ئايروپىلان بېلىتى قىززىق لېنيىسى :4683375-0991

QQ: 2501082401

شىركەت ئادرىسى :شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى شەرقىي شىخۇڭ يولى 816 نومۇر (شىخۇڭ مېھمانخانىسى 1-قەۋەت )